-
بىزنىڭ ھەقىقەتەن تەلىيىمىز بار ئىكەن.مۇنداقچە ئېيتقاندا سەن تەۋە بولغان ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ تەلىيى بار ئىكەن.بىلىمەن ساڭا ئوخشاش نۇرغۇن ئاتىلار رەھىمسىز كېسەلنىڭ چاڭگىلىدىن قۇتۇلالاماي،ئۆز ئارزۇيىغا يىتەلمەي،پەرزەنتلىرىنى داغدا قالدۇرۇپ كىتىپ قالدى.ئاشۇ كېتىپ قالغان ھەر بىر ئاتا ئۇيغۇر ئۈچۈن بىر يوقىتىش ئىدى.ئاتىلىرىمىز بىزنى قوغداپ تۇرىدىغان تاغ.بۇ تاغدىن ھەر زامان ئابى ھايات سۇلىرى شىلدىرلاپ ئېقىپ چۈشۈپ،بىز غۇنچىلارنىڭ قەلبىنى ياشارتىدۇ.ئاشۇ ئاتىلىرىمىز ئۆز مەردانىلىكى،قەيسەرلىكى،مىھرىبانلىقى،چىدام-غەرەتلىكلىكى بىلەن پۈتكۈل مىللىتىمىزنىڭ روھى تومۇرىغان قان تولۇقلاپ تۇرىدۇ
-
دەھشەتلىك شۇم خەۋەر تىلدى يۈرەكنى،
تەڭرىتاغ ئېچىنىپ قايغۇردى شۇ دەم.
سايرام خۇرسىنىپ تۆكتى يېشىنى،
قەلبىدە چايقىلىپ تۈمەنمىڭ ئەلەم.
-
يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغاندىن كېيىن، شىنجاڭدا ھازىرقى زامان ئۇيغۇر ئەدەبىي تىلى تەتقىق قىلىنىشقا باشلىدى. 20-ئەسىرنىڭ 80-يىللىرىدىن ئىلگىرى، ئىملا ۋە ئاتالغۇلارنى قېلىپلاشتۇرۇش تەتقىقاتىنىڭ مۇھىم نۇقتىسى قىلىندى. 80-يىللاردىن كېيىن، تەتقىقاتنىڭ مۇھىم نۇقتىسى ئۇيغۇر ئەدەبىي تىلى تەرەققىياتنىڭ يېتەكچى پرىنسىپى ۋە ئۇنىڭ مۇھىم ئۆلچەملىرىنى بەلگىلەشكە يۆتكەلدى.
-
شىنجاڭنىڭ مىللەتلەر تىل-يېزىق ئەھۋالىنى تەكشۈرۈشنى تارىختا مىلادى 7-ئەسىرگىچە سۈرۈشتۈرۈشكە بولىدۇ. بۇنىڭ ئىچىدە تەسىر قوزغىغانلىرى: تاڭ شۈەنزاڭ غەربىي دىياردىن ئۆتكەندە، يول بويى ھەر قايسى جايلارنىڭ تىل-يېزىقىنى تەكشۈرگەن. 11-ئەسىردە مەھمۇد قەشقىرى غەربىي دىيار ۋە ئوتتۇرا ئاسىيادىكى تۈركىي مىللەتلەرنىڭ تىل-يېزىقىنى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلغان.
-
مۇسەللەس ئۇيغۇرلارنىڭ ئەنئەنىۋى ئىچىملىكلىرىنىڭ بىر تۈرى،بولۇپ مەزكۇر ھۆججەتتە مۇسەللەسنىڭ خەنزۇچە قېلىپلاشقان يېزىلىشىغا ئالاقىدار بىر ھۆججەت كۆرسىتىپ بېرىلگەن.
-
مىرەن خارابىسى ھازىرقى چاقىلىق ناھىيىسىنىڭ شەرقىنىڭ75 كلومىتىر شىمالىغا،مىرەن دەرياسىغا يېقىن جايغا جايلاشقان.خارابە خەن سۇلالىسى دەۋرىدىكى تۇرالغۇ ئىزى،خەن،جىن سۇلاسى دەۋرىدىكى سۇغرىش سېستىمىسى بۇددا ئىبادەتخانىسى ۋە يېقىن ئەتىراپتىكى تاڭ سۇلالىسىنىڭ ئاخىرقى مەزگىلىگە تەۋە بۇددا ئىبادەتخانىسى،بىلەن تىبەت ئىبادەتخانىسى قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.بۈگۈن يوللانغان بۇ تام سۈرەتلىرى ئەنگىلىيىلىك ئېكىسپىدىتسىيىچى سىتەيىننىڭ"سېرىندا"ناملىق ئۈچ قىسىملىق ئەسىرىنىڭ بىرىنچى قىسمىغا قىستۇرما قىلىنغان.سۈرەتلەردىكى ئوبرازلار جانلىق،ئېنىق بولۇپ قەدىمكى شىنجاڭدا ياشىغان ئەجداتلىرىمىزنىڭ ئوبرازى كۆز ئالدىڭىزغا كېلىدۇ.
-
ھازىر ئەھۋال باشقىچە بولۇۋاتىدۇ. تىل ئادىتىمىزگە ماس كەلمەيدىغان ئېلىپ بېرىش تەقلىدىدىكى سۆز ياساش «قېلىپى» بارغانسېرى كۆپەيمەكتە. «بازارنى بىرلا ئالىدۇ»غان ئەلپاز بىلەن شاپاشلاپ ماڭماقتا. كىيىم پىچىش- تىكىش ئۈچۈن بويىغا قاراپ ئەندىزە تەييارلاش ـــ بۇ ئومۇمىي قانۇنىيەت. لېكىن تىلدا، بولۇپمۇ بىز توختىلىۋاتقان بۇ تىل ھادىسىسىدە ئىش تەتۈر بولماقتا. بەزىلەر ئاۋۋل «ئەندىزە» تەييارلاپ، ئېگىز بويغىمۇ، پاكار بويغىمۇ، سېمىز بويغىمۇ شۇ «ئەندىزە»نى توغرىلاپ كىيىم پىچىدىغان، تىكىدىغان بولۇپ قالدى،
-
"قوش تىللىقلىشىش"ۋە"كۆپ تىللىقلىشىش"ئەمەلىيەتتە شۇ مىللەتنىڭ باشقامىللەتلەر بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنىڭ بىر خىل ئىپادىسى بولۇپ، مىللەتلەر مۇناسىۋىتى گۈللىنىپ، باردى-كەلدى قويۇقلاشسا، باشقا مىللەتلەرنىڭ مەدەنىيەت ۋە ئىلغارلىقلىرى قايىل قىلسا، بۇ مىللەت ئۇ مىللەتنىڭ تىلىنى زورلىمىسىمۇ، ئۆزلۈكىدىن ياكى زۆرۈرىيەت تۈپەيلىدىن ئۆگىنىدۇ.ناۋادا باردى-كەلدى ئاز بولۇپ،مۇناسىۋەت يىرىكلەشسە،ياكى قارشى تەرەپنىڭ مەدەنىيىتى ۋە ئىلغارلىقى قايىل قىلالمىسا،ئۇنى ئۆگىنىش زۆرۈرىيىتى تۇغۇلمىسا،ھەرقانچە تەشۋىق-تەربىيىمۇ كارقىلمايدۇ
-
بىزنىڭ تىلىمزغا تۇتقان بۇنداق پوزىتسىيمىز تىلىمىزنى يەنە قانداق قىسمەتلەرگە دۇچار قىلار؟جەمىيەت تەرەققىياتىدىن كېلىۋاتقان خىرىسلار يەتمىگەندەك،ئۆز ئىچىمىزدىن كېلىۋاتقان خىرىسلار ئانا تىلىمىزنىڭ بېلىنى تېخىمۇ ئىگىپ مۈكچەيتىپ قويماسمۇ؟ئانىمىزدىن ئايرىلغاندا ياسىن ئوقۇغاننىڭ پايدىسى يوق.كەتكەنلەر كېلۇ،كەتمەنلەنگەنلەر كەلمەس.كەتمەنلىنىپ كەتكەندىن كىيىن پۇشايمان قىلغان بىلەن ھېچ ئورنىغا كەلمەس.
-
قەدىمكى خوتەن نامىدىكى سۈرەتلەرنىڭ6-قىسمى بۈگۈن ھوزۇرۇڭلارغا سۇنۇلدى.بۇ قېتىمقى سۈرەتلەر ئاساسلىق نىيە خارابىلىكىدىن تېپىلغان قاراۇشتى يېزىقلىرى پۈتۈلگەن ياغاچ تاختايلارغا سېغىز لايدا چىقىرىلىپ چاپلانغان ھەر خىل لاي چاپلانمىلارنى ئاساس قىلىدۇ.
-
جۇڭگو شىنجاڭ ئۇيغۇر مەشرەپلىرى پارلاق جۇڭخۇا مەدەنىيەت گۈلزارىدىكى جۇلالىق گۈلدەستىلەرنىڭ بىرى، مەشرەپلەر ئۇزۇن ئەسىرلەردىن بۇيان ئەمگەكچان، ئىجادچان ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ھەر قايسى تارىخى دەۋرلەردىكى ھايات كەچۈرمىشلىرى، گۈزەل مەنىۋىيىتى، ئىستەك خاھىشلىرى، تۇرمۇش ئۆرپ- ئادەتلىرى بىلەن زىچ باغلانغان ھالدا كىشىلەرگە ساغلام مەنىۋىي ئوزۇق، گۈزەل ئىستېتىك زوق بەخىش ئەتكەن ئونۋېرسال ئاممىۋىي سەنئەت پائالىيىتى، شۇنداقلا خەلقنىڭ سەنئەت مەكتىپى، ئەدەپ-ئەخلاق بۆشۈكى. شۇڭا خەلق ئىچىدە «بالاڭنى مەكتەپكە بەر، بولمىسا مەشرەپكە» دېگەن ئەقىدە چوڭقۇر يىلتىز تارتقان.
-
- ئەسىردىن باشلاپ قايتا گۈللەنگەن چاقىلىق خەلقى باشقا يۇرتلاردىكى ئۇيغۇرلارغا ئوخشاشلا ناخشا- ئۇسسۇل ۋە سازغا ماھىر خەلق بولۇپ، ئۇلارنىڭ قان قېنىدىكى سەنئەتكە بولغان ھېرىسمانلىك ئۇلارنىڭ ئەلنەغمەچىلىكىگە ئۆزىگە خاس يول ھازىرلىغان.
-
لوپنۇر-ئۇزاق تارىخقا ئىگە قەدىمىي يۇرتلارنىڭ بىرى. لوپنۇر تىلغا ئېلىنسىلا كىشىلەر ئالدى بىلەن دۇنياغا داڭلىق لوپنۇر كۆلى ۋە قەدىمىقى غەربى يۇتقا ھۆكۈم سۈرۈپ ئۆتكەن 36شەھەر دۆلىتىنىڭ بىرى بولغان كىروران خانلىقىنى ئېسىگە ئالىدۇ، لوپنۇرنىڭ ئىجتىمائى تارىخى ۋە جۇغراپىيىلىك ئالاھىدىلىكىمۇ ھازىرقى ئىلىم ساھەسىدىكىلەر ئۈچۈن زور تەتقىقات قىممىتىگە ئىگە.
-
كىيىنكى كۈنلەردە ھېلقى پەرەڭ خوجايىن سېۋېن ھېدىن ئۆز ئەسلىمىسىدە مۇنداق قۇرلارنى قالدۇرغانىدى : «مىنىڭ ئاشۇ ئاقكۆڭۈل يول باشلىغۇچۇم ، شۇنداقلا دوستۇمنىڭ ئىسمى ئۆردەك بولۇپ ، تىپىك لوپنۇرلۇق ئۇيغۇر ئىدى . 1896-يىل 3-ئاينىڭ 28-كۈنى ئۇنىڭ تەلىيى ئوڭدىن كىلىپ قەدىمىي كروران شەھەر خارابىسىنى بايقىدى . ۋە مىنى ئويلاپ باقمىغان مۇھاپىقيەتلەرگە ئىرىشتۈردى.
-
ھىلىمۇ شۇكرى ، سېۋىن ھىدىن كەل قورساق ، كۆپنى كۆرگەن ئىلىم ئەھلى بولۇش سۈپىتى بىلەن ھەقىقەت نۇقتىسىدا تۇرۇپ ، باشقىلاردەك ئۇچرىغاننىڭ ھەممىسىنى ئۆزىنىڭ قىلىۋالماستىن ، ھىچبولمىغاندا ئۆزىنىڭ ئەسلىمىسى ئارقىلىق بولسىمۇ كروراندىن ئىبارەت بو گۈھەرنى تاپقۇچىنىڭ لوپنۇرلۇق ئۆردەك ئىكەنلىكىدىن مەلۇمات بەردى
لىكىن ئۇلۇغ ۋەتەننىڭ ! ئۇلۇغ ئەجدادلىرىنىڭ تارىخىنى بىلىش ! ۋە ئۇنى تەتقىق قىلىشتەك ئالاھىدە پۇرسەت ئەنە شۇنداق خاتىمىلەندى!!!!!!!!
-
راۋاق بۇددا ئىبادەتخانىسى خارابىسى-خوتەن ۋىلايىتى لوپ ناھىيە جىيا يېزىسىنىڭ شىمالىغا،يورۇڭقاش دەرياسىنىڭ شەرقى قىرغىقىغا جايلاشقان بولۇپ،بوستانلىق بىلەن بولغان ئارلىقى30كىلومىتىر كېلىدۇ.ھازىر بارخان دۆۋىلىرى بىلەن ئورىلىپ تۇرىدۇ.راۋاق بۇددا ئىبادەتخانىسى خوتەن رايۇنىدا ھازىرغا قەدەر بايقالغان قەدىمكى بۇددا ئىزلىرى ئىچىدە بىر قەدەر ياخشىراق ساقلانغان ئورۇن بولۇپ،ئومۇمىي كۆلىمى300كۇرادىرات مېتىر ئەتىراپىدا.ھازىرمۇ ئاساسەن ساق تۇرىۋاتقان مۇنارنىڭ ئىگىزلىكى8 مېتىر ئەتىراپىدا.بۈگۈن كۆرمەكچى بولغان سۈرەتلەر راۋاق بۇددا خارابىسىنىڭ ئىچكى ۋە تاشقى قىسمىدىكى بىر قىسىم كۆرۈنۈشلەر ۋە بۇددا باش ھەيكەللىرىدىن تەركىپ تاپقان.
-
بۈگۈن "قەدىمكى خوتەن"تېمىسىدىكى سۈرەتلەرنىڭ4-قىسمى ھوزۇرۇڭلاردا بولىدۇ.بۇ سۈرەتلەر ئاساسلىقى نىيە خارابىسىدىن تېپىلغان تۇرمۇش بويۇملىرى،ياغاچقا پۈتۈلگەن قارۇشتى يېزىقىدىكى ھۆججەتلەر ۋە دەندان ئۆيلۈكتىن تېپىلغان تاختايغا سىزىلغان رەسىملەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.بۇ سۈرەتلەر بىزنى قەدىمكى خوتەندىكى يېزىق ۋە رەسساملىق سەنئىتى ھەققىدە مەلۇم تەسىراتقا كەلتۈرەلەيدۇ.
-
بۈگۈن "قەدىمكى خوتەن"دېگەن تېمىدىكى سۈرەتلەرنىڭ داۋامى ھوزۇرڭلاغا سۇنۇلدى.بۇ سۈرەتلەر خوتەندىكى نىيە خارابىلىكى،ئەندىر ئىبادەتخانىسى،دەندان ئۆيلۈك خارابىلىرىدىن تېپىلغان يادىكارلىقلارغا مۇناسىۋەتلىك.
-
سۈنۋۇڭۇڭ ئەينى ۋاقىتتا شاگىرتلىققا كىرگەندە ئۇستازىدىن ئەرشنى مالىمان قىلغۇدەك ھۈنەرنى ئۆگىنىپ قايتقان.ئۇنىڭ ھۈنەرنى قانداق ئۆگەنگەنلىكى ھەممىڭلارغا ئايان.ھۈنەرنى ياخشى ئۆگىنىش كەلگۈسىڭلارنىڭ پارلاق بولىشىدىن دېرەك بېرىدۇ.ئۇيغۇر قول-ھۈنەرۋەنچىلىكى سىلەرنىڭ چىۋەر قولۇڭلار بىلەن زاماننىڭ رىقابەتلىرىدىن ئۈزۈپ چىقالايدۇ.قېنى سۇنۋۇكۇڭدەك روھ بىلەن دۇنيانى زىل-زىلگە سېلىشقا تەييار بولدۇڭلارمۇ؟
-
زوردۇن سابىرنىڭ شېئىر ئىجادىيىتى ھەققىدە كۆپ سۆزلەنمەيدۇ. لېكىن بۇ يەردە ئۇنىڭ بىر پارچە قول يازمىسى بار ئىكەن. بىللە پايدىلىنايلى. زوردۇن سابىرنىڭ ياتقان يېرى جەننەتتە بولسۇن
-
ئىجىلىمدىن ئايرىلسام،
قارغا چوقۇر كۆزۈممۈ.
ماللەلىككە ئەرگىتەي،
رەتكە ئۆتمۆگۆن ئۆزۈممۈ.
ياخشىلارنى قۇلاغى،
ئاڭلامايدۇ سۆزۈممۈ.
-
دۇنيا مانا مۇشۇنداق ئىنساندىن ئىبارەت مەڭگۈ قانائەت قىلىپ ئۆتمەيدىغان مەخلۇقنى ئۇ قۇتۇپتىن بۇ قۇتۇپقا قاتىرىتىپ،مەلۇم بىر نوقتىدا توختاتماستىن يۈگۈرتۈپ،ئاخىردا ھالسىرىتىپ جېنىنى ئالىدىغان ئۆزى چۆرگىلەتكەن بۇ تەقدىرنىڭ يامان تەرەپلىرىنى شەيتانلارغا دۆڭگەپ قويۇپلا غايىپ بولىدىغان"شەيتانلارنىڭ بوۋىسى"مىدۇ؟.يەنە شۇنداق تۇرسىمۇ ئىنسانلار بۇ دۇنياغا نېمە ئۈچۈن قانمايدۇ؟بۇنىڭغا جاۋاپ بېرىش ھەقىقەتەن قىيىن.
-
خوتەن ئۇيغۇرلار ياشاپ ئۆتكەن قەدىمىي شەھەرلەرنىڭ بىرى بولۇش سۈپىتىدە،ھەر قايسى جەھەتلەردىن پەخىرلەنگۈدەك مەدەنىيەتلەرنى ياراتقان.ئەينى ۋاقىتتا ئاۋرال سىتەيىن خوتەندىن بۇددا دىنىغا ۋە باشقا مەدەنىيەت ئىزلىرىغا مۇناسىۋەتلىك نۇرغۇن ماددىي بويۇملارنى تېپىش بىلەن بىرگە،ئەينى ۋاقىتتا ئەجداتلىرىمىزنىڭ سودا ئىشلىرىدا كەڭ كۆلەمدە ئىشلىتىلگەن نۇرغۇن ئالتۇن،كۆمۈش، ۋە مىستىن قۇيۇلغان پۇللارنىمۇ تاپقان.ھەممىمىزگە مەلۇم قەدىمكى پۇللار ئالتۇندىن ياسالغانلىرى تىللا،كۆمۈشتىن ياسالغانلىرى دىنار،مىستىن ياسالغانلىرى بولسا يارماق دەپ ئاتىلىپ كەلگەن.بۈگۈن سىلەر كۆرمەكچى بولغان بۇ پۇللار خوتەننىڭ يوتقان،دەندان ئۆيلۈك قاتارلىق خارابىلىرىدىن تېپىلغان خەنزۇچە ۋە ئۇيغۇرچە يېزىق چۈشۈرۈلگەن پۇللاردۇر.
-
تارىخى خاتىرىلەردە ئېيتىلىشچە،بۇ رايوندىكى نۇرغۇن ئاھالىلەر شۇ مەزگىللەردە تۇرپان ئويمانلىقىغا كۆچۈپ بارغان.يەرلىك رىۋايەتلەردە ئېيتىلىشىچە،يەنە بىر مۇنچە ئاھالىلەر تارىم دەرياسىنى بويلاپ خوتەنگىچە كۆچۈپ بارغان.شۇنىڭ بىلەن بۇ كۆلەتنىڭ شەھەر ۋە يۇرتلىرى ئازلا ئادەم بىلەن قالغان.دەل مۇشۇنداق ۋەزىيەتتە،مىلادى ئەسىردىن باشلاپ تۈركي قەبىلىلەر تۇرپان ئويمانلىقى ئارقىلىق بۇ رايونغا كۆچۈپ كېلىشكە باشلىغان.ئۇلار بۇ رايونغا كەلگەندىن كېيىن،بۇ جايدىن كۆچۈپ كەتمىگەن ئاھالىلەر بىلەن بىرلىكتە تەكلىماكاننىڭ قۇم-بورانلىرى تامامەن ئىگىلەپ بولالمىغان يېشىل بوستانلىقلارنى قوغداپ قالغان
-
سىلەر كۆرىۋاتاقان بۇ سۈرەرتلەر ئەنگىلىيىلىك ئېكىسپىدىتسىيىچى ئاۋرېل سىتەيىن خوتەن رايۇنىدىن تاپقان يادىكارلىقلار ۋە ئۇ قازغان مەدەنىيەت خارابىلىكلىرىگە مۇناسىۋەتلىك.ئاۋرېل سېتەيىن 19-ئەسىرنىڭ ئاخىرلىرى20-ئەسىرنىڭ باشلىرى شىنقاڭ رايۇنىدا كەڭ كۆلەمدە ئارخىلوگىيىلىك قېزىش ئېلىپ بارغان.ئۇ ئاساسلىق خوتەن رايۇنىدا نۇرغۇن خارابىلىكلەرنى قازغان بولۇپ،ئۇ بۇ خارابىلىكلەردىن نۇرغۇن مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنى تاپقان.ئۇ ئۆزى تاپقان مۇشۇ يادىكارلىقلار ئاساسىدا،"قەدىمكى خوتەن"،"قۇمغا كۆمۈلگەن خوتەن خارابىلىرى"دېگەندەك بىر قانچە كىتاپ يېزىپ چىققان.بۇ سۈرەتلەر ئۇنىڭ ئىككى توملۇق ئەسىرى"قەدىمكى خوتەن"دىن ئېلىنغان.بۇ ھەقتىكى سۈرەتلەر داۋاملىق ھوزۇرۇڭلاردا بولىدۇ.
-
بىر ئاي ۋاقىت ئۇيغۇر تىلى ئۆگىنىش ئۈچۈن تولىمۇ قىسقا بولسىمۇ،بارلىق كۇرسانتلار قېتىرقىنىپ ئۆگەندى.كۆپىنچىلىرى ئۇيغۇر تىلىدىكى 32ھەرىپنىڭ ئوقۇلىشى،ھەر بىر ھەرىپ شەكىللىرىنىڭ يېزىلىشى قاتارلىق ئاساسىي بىلىملەرنى ئىگەللىۋىلىش ئاساسىدا يەنە تۇرمۇش ۋە خىزمەتكە كېرەكلىك جۈملىلەردىن 200گە يېقىن جۈملىنى يادلاپ بولسىمۇ ئۆگەندى
-
بۈگۈن 1890-يىللاردىكى خوتەنگە مۇناسىۋەتلىك بىر قىسىم ئېسىل سۆرەتلەر داۋاملىق ھوزۇرۇڭلاردا بولىدۇ.سۈرەتلەردىن ھوزۇرلانغاچ خىياللىرىمىزنى شۇ ۋاقىتتىكى تارىخ بىلەن باغلاپ كۆرەيلى.بۇرنقى بىلەن ھازىرقىنى سېلىشتۇرۇپ كۆرەيلى.ئۆتمۈش بىلەن ھازىر ئوتتۇرسىدىكى نازۇك پەرىقلەر بىزنىڭ ئالغا ئىلگىرلىشىمىزگە قانچىلىك ئىلھام ۋە مەدەت بېرەلەيدۇ؟بۇ ھەقتىكى ئوي خىياللىرىمىزنى بايان قىلىپ،ئۆز-ئارا ئورتاقلىشايلى!
-
لوپنۇر كۆلىدىن ئۆتتۈم ،
كونا بىر تۇلۇم بىلەن .
مەن گۈلۈمدىن ئايرىلدىم ،
ئازاپلىق زۇلۇم بىلەن .
چۆل باياۋان ئىچىدە ،
يۈرەرمەن كىمىم بىلەن -
ئوسمانجان ساۋۇت
بىرگۈزەلنى قالدۇرۇپ بىزگە،
ئۆزۈڭ نەگە بولدۇڭكىن غايىپ؟
كەچمىشلىرىڭ كەۋسەر ئىمىزگۇ،
ئۇغۇز ئىمىپ تۇردۇق ئاجايىپ.
ئاھ،كروران نەدە سەن بۈگۈن؟
سۆزلەپ تۇردۇڭ قانداق قىسسە؟
ت...





















